• 1. حا، مىم
  • 2. (بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
  • 3. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار
  • 4. سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (اﷲ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (اﷲ نىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار
  • 5. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، اﷲ نىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن رىزىقلەندۈرۈپ ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار
  • 6. ئەنە شۇلار اﷲ نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا ھەقلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى قويۇپ قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
  • 7. ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي!
  • 8. ئۇ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ (گۇمراھلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
  • 9. ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا (يەنى ئۇنىڭغا قۇرئان ئايەتلىرى يەتكەن چاغدا)، ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالىدۇ، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
  • 10. ئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم (كۈتۈپ تۇرىدۇ)، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى (يەنى دۇنيادا تاپقان ماللىرى ۋە بالىلىرى) ۋە اﷲ نى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
  • 11. بۇ (قۇرئان ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىگە كامىل) ھىدايەتتۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
  • 12. اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ اﷲ نىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن (يەنى تىجارەت قىلىشىڭلار، بېلىق تۇتۇشۇڭلار، دېڭىز ئاستىدىن ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى سۈزۈۋېلىشىڭلار ئۈچۈن) ۋە (اﷲ قا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى
  • 13. اﷲ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار
  • 14. مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، اﷲ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار اﷲ نىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى (يەنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قورقمايدىغان كۇففارلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىنى) كەچۈرسۇن
  • 15. كىمكى (دۇنيادا) ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر (اﷲ ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا بېرىدۇ)
  • 16. شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى)، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى (زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
  • 17. ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم (يەنى دىننىڭ راستلىقىغا قەتئى دەلىللەر) كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
  • 18. ئاندىن سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن
  • 19. شۈبھىسىزكى، (ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا ماسلىشىدىغان بولساڭ) ئۇلار سەندىن اﷲ نىڭ (ئازابى) دىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، اﷲ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر
  • 20. بۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن روشەن پاكىتلاردۇر، ھىدايەتتۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) جەزمەن ئىشەنگەن قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر
  • 21. يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!
  • 22. اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقلىق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
  • 23. (ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، اﷲ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، اﷲ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، اﷲ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز - نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
  • 24. ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى تۇغۇلىمىز). پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ). ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ
  • 25. ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار (يەنى تىرىلدۈرۈڭلار)» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى
  • 26. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) ۋاپات قىلدۇرالايدۇ، ئاندىن شەك - شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەي (قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى)»
  • 27. ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ
  • 28. ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە - ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ)
  • 29. بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە - ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)
  • 30. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر
  • 31. كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)
  • 32. (سىلەرگە) «اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار
  • 33. (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ
  • 34. (ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (يەنى سىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە (سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ
  • 35. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن (تەۋبە قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن) اﷲ نى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ
  • 36. جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر!
  • 37. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق اﷲ قا خاستۇر، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo
logo
  • 1.سۈرە پاتىھە
  • 2.سۈرە بەقەرە
  • 3.سۈرە ئال ئىمران
  • 4.سۈرە نىسا
  • 5.سۈرە مائىدە
  • 6.سۈرە ئەنئام
  • 7.سۈرە ئەئراپ
  • 8.سۈرە ئەنپال
  • 9.سۈرە تەۋبە
  • 10.سۈرە يۇنۇس
  • 11.سۈرە ھۇد
  • 12.سۈرە يۈسۈپ
  • 13.سۈرە رەئد
  • 14.سۈرە ئىبراھىم
  • 15.سۈرە ھىجر
  • 16.سۈرە نەھل
  • 17.سۈرە ئىسرا
  • 18.سۈرە كەھپ
  • 19.سۈرە مەريەم
  • 20.سۈرە تاھا
  • 21.سۈرە ئەنبىيا
  • 22.سۈرە ھەج
  • 23.سۈرە مۆمىنۇن
  • 24.سۈرە نۇر
  • 25.سۈرە پۇرقان
  • 26.سۈرە شۇئەرا
  • 27.سۈرە نەمل
  • 28.سۈرە قەسەس
  • 29.سۈرە ئەنكەبۇت
  • 30.سۈرە رۇم
  • 31.سۈرە لوقمان
  • 32.سۈرە سەجدە
  • 33.سۈرە ئەھزاب
  • 34.سۈرە سەبەئ
  • 35.سۈرە پاتىر
  • 36.سۈرە ياسىن
  • 37.سۈرە ساپپات
  • 38.سۈرە ساد
  • 39.سۈرە زۇمەر
  • 40.سۈرە غاپىر
  • 41.سۈرە پۇسسىلەت
  • 42.سۈرە شۇرا
  • 43.سۈرە زۇخرۇپ
  • 44.سۈرە دۇخان
  • 45.سۈرە جاسىيە
  • 46.سۈرە ئەھقاپ
  • 47.سۈرە مۇھەممەد
  • 48.سۈرە پەتىھ
  • 49.سۈرە ھۇجۇرات
  • 50.سۈرە قاپ
  • 51.سۈرە زارىيات
  • 52.سۈرە تۇر
  • 53.سۈرە نەجم
  • 54.سۈرە قەمەر
  • 55.سۈرە رەھمان
  • 56.سۈرە ۋاقىئە
  • 57.سۈرە ھەدىد
  • 58.سۈرە مۇجادەلە
  • 59.سۈرە ھەشر
  • 60.سۈرە مۇمتەھىنە
  • 61.سۈرە سەپ
  • 62.سۈرە جۇمۇئە
  • 63.سۈرە مۇناپىقۇن
  • 64.سۈرە تەغابۇن
  • 65.سۈرە تەلاق
  • 66.سۈرە تەھرىم
  • 67.سۈرە مۈلك
  • 68.سۈرە قەلەم
  • 69.سۈرە ھاققە
  • 70.سۈرە مائارىج
  • 71.سۈرە نۇھ
  • 72.سۈرە جىن
  • 73.سۈرە مۇزەممىل
  • 74.سۈرە مۇدەسسىر
  • 75.سۈرە قىيامەت
  • 76.سۈرە ئىنسان
  • 77.سۈرە مۇرسەلات
  • 78.سۈرە نەبەئ
  • 79.سۈرە نازىئات
  • 80.سۈرە ئەبەسە
  • 81.سۈرە تەكۋىر
  • 82.سۈرە ئىنپىتار
  • 83.سۈرە مۇتەپپىپىن
  • 84.سۈرە ئىنشىقاق
  • 85.سۈرە بۇرۇج
  • 86.سۈرە تارىق
  • 87.سۈرە ئەئلا
  • 88.سۈرە غاشىيە
  • 89.سۈرە پەجر
  • 90.سۈرە بەلەد
  • 91.سۈرە شەمس
  • 92.سۈرە لەيل
  • 93.سۈرە زۇھا
  • 94.سۈرە شەرھ
  • 95.سۈرە تىن
  • 96.سۈرە ئەلەق
  • 97.سۈرە قەدر
  • 98.سۈرە بەييىنە
  • 99.سۈرە زەلزەلە
  • 100.سۈرە ئادىيات
  • 101.سۈرە قارىئە
  • 102.سۈرە تەكاسۇر
  • 103.سۈرە ئەسر
  • 104.سۈرە ھۈمەزە
  • 105.سۈرە پىل
  • 106.سۈرە قۇرەيش
  • 107.سۈرە مائۇن
  • 108.سۈرە كەۋسەر
  • 109.سۈرە كاپىرۇن
  • 110.سۈرە نەسر
  • 111.سۈرە مەسەد
  • 112.سۈرە ئىخلاس
  • 113.سۈرە پەلەق
  • 114.سۈرە ناس