• 1. (پۈتۈن ئاسمان - زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
  • 2. سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، اﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، اﷲ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
  • 3. اﷲ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان اﷲ نىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن
  • 4. ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ
  • 5. (بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئورۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان شولا بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق
  • 6. پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
  • 7. ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ
  • 8. دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ
  • 9. ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ‹اﷲ (ھېچ ئادەمگە ۋەھيىدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا› دېدۇق» دەيدۇ
  • 10. ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ
  • 11. ئۇلار گۇناھىنى تونۇيدۇ، ئەھلى دوزاخ اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن!
  • 12. پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ
  • 13. سىلەر سۆزۈڭلارنى مەخپىي قىلىڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار (اﷲ ھامان ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر
  • 14. (مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر
  • 15. اﷲ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. اﷲ نىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
  • 16. (ئى كۇففارلار!) ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟
  • 17. ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ (سىلەر ئازابنى كۆرگەن چاغدا) مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى (يەنى ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلىسىلەر
  • 18. ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقاردى، (ئۇلارنى ئازاب چۈشۈرۈش بىلەن) ئەيىبلىگەنلىكىم قانداق ئىكەن؟
  • 19. ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت اﷲ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
  • 20. سىلەرگە اﷲ ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كىم سىلەرگە ياردەمچى قوشۇن بولالايدۇ، كاپىرلار پەقەت ئالدىنىش ئىچىدىدۇر (يەنى شەيتان ئۇلارنى ئازاب نازىل بولمايدۇ دەپ ئالدايدۇ)
  • 21. ئەگەر اﷲ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ، ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر
  • 22. زادى قايسى ئادەم يول تاپالايدۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ؟ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟
  • 23. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقنى، كۆزلەرنى، دىللارنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلسىلەر»
  • 24. ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) اﷲ نىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»
  • 25. ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەيدۇ
  • 26. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى) اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
  • 27. ئۇلار ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەن چاغدا يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ، ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ
  • 28. (ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر اﷲ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۆمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى تەخىر قىلىپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا (سىلەرگە نېمە پايدا بار)، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟»
  • 29. ئېيتقىنكى، «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان اﷲ دۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر»
  • 30. (ئۇلارغا) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگىن
ھەمبەھىرلەش
logo
logo
logo
logo
logo
  • 1.سۈرە پاتىھە
  • 2.سۈرە بەقەرە
  • 3.سۈرە ئال ئىمران
  • 4.سۈرە نىسا
  • 5.سۈرە مائىدە
  • 6.سۈرە ئەنئام
  • 7.سۈرە ئەئراپ
  • 8.سۈرە ئەنپال
  • 9.سۈرە تەۋبە
  • 10.سۈرە يۇنۇس
  • 11.سۈرە ھۇد
  • 12.سۈرە يۈسۈپ
  • 13.سۈرە رەئد
  • 14.سۈرە ئىبراھىم
  • 15.سۈرە ھىجر
  • 16.سۈرە نەھل
  • 17.سۈرە ئىسرا
  • 18.سۈرە كەھپ
  • 19.سۈرە مەريەم
  • 20.سۈرە تاھا
  • 21.سۈرە ئەنبىيا
  • 22.سۈرە ھەج
  • 23.سۈرە مۆمىنۇن
  • 24.سۈرە نۇر
  • 25.سۈرە پۇرقان
  • 26.سۈرە شۇئەرا
  • 27.سۈرە نەمل
  • 28.سۈرە قەسەس
  • 29.سۈرە ئەنكەبۇت
  • 30.سۈرە رۇم
  • 31.سۈرە لوقمان
  • 32.سۈرە سەجدە
  • 33.سۈرە ئەھزاب
  • 34.سۈرە سەبەئ
  • 35.سۈرە پاتىر
  • 36.سۈرە ياسىن
  • 37.سۈرە ساپپات
  • 38.سۈرە ساد
  • 39.سۈرە زۇمەر
  • 40.سۈرە غاپىر
  • 41.سۈرە پۇسسىلەت
  • 42.سۈرە شۇرا
  • 43.سۈرە زۇخرۇپ
  • 44.سۈرە دۇخان
  • 45.سۈرە جاسىيە
  • 46.سۈرە ئەھقاپ
  • 47.سۈرە مۇھەممەد
  • 48.سۈرە پەتىھ
  • 49.سۈرە ھۇجۇرات
  • 50.سۈرە قاپ
  • 51.سۈرە زارىيات
  • 52.سۈرە تۇر
  • 53.سۈرە نەجم
  • 54.سۈرە قەمەر
  • 55.سۈرە رەھمان
  • 56.سۈرە ۋاقىئە
  • 57.سۈرە ھەدىد
  • 58.سۈرە مۇجادەلە
  • 59.سۈرە ھەشر
  • 60.سۈرە مۇمتەھىنە
  • 61.سۈرە سەپ
  • 62.سۈرە جۇمۇئە
  • 63.سۈرە مۇناپىقۇن
  • 64.سۈرە تەغابۇن
  • 65.سۈرە تەلاق
  • 66.سۈرە تەھرىم
  • 67.سۈرە مۈلك
  • 68.سۈرە قەلەم
  • 69.سۈرە ھاققە
  • 70.سۈرە مائارىج
  • 71.سۈرە نۇھ
  • 72.سۈرە جىن
  • 73.سۈرە مۇزەممىل
  • 74.سۈرە مۇدەسسىر
  • 75.سۈرە قىيامەت
  • 76.سۈرە ئىنسان
  • 77.سۈرە مۇرسەلات
  • 78.سۈرە نەبەئ
  • 79.سۈرە نازىئات
  • 80.سۈرە ئەبەسە
  • 81.سۈرە تەكۋىر
  • 82.سۈرە ئىنپىتار
  • 83.سۈرە مۇتەپپىپىن
  • 84.سۈرە ئىنشىقاق
  • 85.سۈرە بۇرۇج
  • 86.سۈرە تارىق
  • 87.سۈرە ئەئلا
  • 88.سۈرە غاشىيە
  • 89.سۈرە پەجر
  • 90.سۈرە بەلەد
  • 91.سۈرە شەمس
  • 92.سۈرە لەيل
  • 93.سۈرە زۇھا
  • 94.سۈرە شەرھ
  • 95.سۈرە تىن
  • 96.سۈرە ئەلەق
  • 97.سۈرە قەدر
  • 98.سۈرە بەييىنە
  • 99.سۈرە زەلزەلە
  • 100.سۈرە ئادىيات
  • 101.سۈرە قارىئە
  • 102.سۈرە تەكاسۇر
  • 103.سۈرە ئەسر
  • 104.سۈرە ھۈمەزە
  • 105.سۈرە پىل
  • 106.سۈرە قۇرەيش
  • 107.سۈرە مائۇن
  • 108.سۈرە كەۋسەر
  • 109.سۈرە كاپىرۇن
  • 110.سۈرە نەسر
  • 111.سۈرە مەسەد
  • 112.سۈرە ئىخلاس
  • 113.سۈرە پەلەق
  • 114.سۈرە ناس