51. سۈرە زارىيات - قۇرآن
- 1. (تۇپراقنى) سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،
- 2. (يامغۇرلارنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى،
- 3. (سۇ ئۈستىدە) يىنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن قەسەمكى،
- 4. ئىشنى (يەنى بەندىلەر ئارىسىدا رىزىقلارنى، يۇرتلار ئارىسىدا يامغۇرلارنى) تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر قەسەمكى،
- 5. سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ساۋاب، ئازاب، قىيامەت قاتارلىق) لار ئەلۋەتتە راستتۇر
- 6. (ياخشى ئەمەللەرنى) مۇكاپاتلاش، (يامان ئەمەللەرنى) جازالاش چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر
- 7. يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر
- 8. يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر
- 9. (اﷲ تائالانىڭ ئىلمىي ئەزەلىسىدە ھىدايەتتىن) بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم (قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن) بۇرۇۋېتىلىدۇ
- 10. كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر
- 11. كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر
- 12. ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ
- 13. ئۇ بولسا ئۇ كۈندە دوزاختا ئازابلىنىدىغان كۈندۇر
- 14. (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «سىلەرگە قىلىنغان ئازابنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئالدىراتقان نەرسىدۇر» (دەيدۇ)
- 15. شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە (ئېقىپ تۇرغان) بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ
- 16. ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى
- 17. ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى
- 18. ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى
- 19. ئۇلارنىڭ پۇل - ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)
- 20. زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا اﷲ قا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر
- 21. زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا اﷲ قا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر
- 22. ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار
- 23. ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك (يەنى سۆزلىشىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر
- 24. (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟
- 25. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى
- 26. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى
- 27. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى
- 28. (ئۇلارنىڭ تاماق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) دىلىدا ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار «قورقمىغىن (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)» دېدى، ئۇلار ئىبراھىمغا بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى
- 29. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەبلەنگەنلكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى
- 30. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى
- 31. ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى
- 32. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق)
- 33. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»
- 34. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا (گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان)، لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز»
- 35. (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق
- 36. بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق
- 37. ئۇ شەھەردە قاتتىق ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن نىشان قالدۇردۇق
- 38. مۇسانىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
- 39. پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇ: «(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى
- 40. پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، پىرئەۋن ئەيىبلەنگۈچىدۇر
- 41. ئادنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا يامان بوراننى ئەۋەتتۇق
- 42. ئۇ (يەنى بوران) ھەر قانداق نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چىرىگەن سۆڭەكتەك (تىتما - تالاڭ) قىلىۋېتەتتى
- 43. سەمۇدنىڭ (قىسسىسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر ۋاقىتلىق پايدىلىنىڭلار» دېدۇق
- 44. ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى، ئۇلارنى چاقماق ھالاك قىلدى، ھالبۇكى، ئۇلار (ئازابنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى) كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۇراتتى
- 45. ئۇلار (ئازاب چۈشكەن ۋاقىتتا) ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ، ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمىدى
- 46. ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى
- 47. ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكمىز
- 48. زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز؟
- 49. سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق
- 50. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «اﷲ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى اﷲ قا ئىلتىجا قىلىڭلار)، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
- 51. سىلەر باشقا مەبۇدنى اﷲ قا شېرىك قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
- 52. ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى
- 53. ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر - بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر - بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر
- 54. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن
- 55. ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ۋەز - نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق
- 56. جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم
- 57. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن
- 58. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (اﷲ نىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر
- 59. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلاردىن (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ، بۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن
- 60. كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي!