سۈرە ئىنشىقاق - قۇرئان - ھارۇن يەھيا
-
1. ئاسمان يېرىلغان،
-
2. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا،
-
3. زېمىن سوزۇلغان،
-
4. قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىنىپ قالغان،
-
5. پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)
-
6. ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى - ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)
-
7. نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ
-
8. نامە - ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ
-
9. (ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال - خۇرام قايتىدۇ
-
10. نامە - ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم
-
11. «ۋاي دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)،
-
12. دوزاخقا كىرىدۇ
-
13. چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد - خۇرام ئىدى.
-
14. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن دەپ گۇمان قىلدى
-
15. ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تورغۇچىدۇر
-
16. شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى
-
17. شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى
-
18. شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى،
-
19. سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تورىسىلەر
-
20. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟
-
21. ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟
-
22. بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ
-
23. ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ
-
24. ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
-
25. پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ھەمبەھىرلەش
1
سۈرە پاتىھە
2
سۈرە بەقەرە
3
سۈرە ئال ئىمران
4
سۈرە نىسا
5
سۈرە مائىدە
6
سۈرە ئەنئام
7
سۈرە ئەئراپ
8
سۈرە ئەنپال
9
سۈرە تەۋبە
10
سۈرە يۇنۇس
11
سۈرە ھۇد
12
سۈرە يۈسۈپ
13
سۈرە رەئد
14
سۈرە ئىبراھىم
15
سۈرە ھىجر
16
سۈرە نەھل
17
سۈرە ئىسرا
18
سۈرە كەھپ
19
سۈرە مەريەم
20
سۈرە تاھا
21
سۈرە ئەنبىيا
22
سۈرە ھەج
23
سۈرە مۆمىنۇن
24
سۈرە نۇر
25
سۈرە پۇرقان
26
سۈرە شۇئەرا
27
سۈرە نەمل
28
سۈرە قەسەس
29
سۈرە ئەنكەبۇت
30
سۈرە رۇم
31
سۈرە لوقمان
32
سۈرە سەجدە
33
سۈرە ئەھزاب
34
سۈرە سەبەئ
35
سۈرە پاتىر
36
سۈرە ياسىن
37
سۈرە ساپپات
38
سۈرە ساد
39
سۈرە زۇمەر
40
سۈرە غاپىر
41
سۈرە پۇسسىلەت
42
سۈرە شۇرا
43
سۈرە زۇخرۇپ
44
سۈرە دۇخان
45
سۈرە جاسىيە
46
سۈرە ئەھقاپ
47
سۈرە مۇھەممەد
48
سۈرە پەتىھ
49
سۈرە ھۇجۇرات
50
سۈرە قاپ
51
سۈرە زارىيات
52
سۈرە تۇر
53
سۈرە نەجم
54
سۈرە قەمەر
55
سۈرە رەھمان
56
سۈرە ۋاقىئە
57
سۈرە ھەدىد
58
سۈرە مۇجادەلە
59
سۈرە ھەشر
60
سۈرە مۇمتەھىنە
61
سۈرە سەپ
62
سۈرە جۇمۇئە
63
سۈرە مۇناپىقۇن
64
سۈرە تەغابۇن
65
سۈرە تەلاق
66
سۈرە تەھرىم
67
سۈرە مۈلك
68
سۈرە قەلەم
69
سۈرە ھاققە
70
سۈرە مائارىج
71
سۈرە نۇھ
72
سۈرە جىن
73
سۈرە مۇزەممىل
74
سۈرە مۇدەسسىر
75
سۈرە قىيامەت
76
سۈرە ئىنسان
77
سۈرە مۇرسەلات
78
سۈرە نەبەئ
79
سۈرە نازىئات
80
سۈرە ئەبەسە
81
سۈرە تەكۋىر
82
سۈرە ئىنپىتار
83
سۈرە مۇتەپپىپىن
84
سۈرە ئىنشىقاق
85
سۈرە بۇرۇج
86
سۈرە تارىق
87
سۈرە ئەئلا
88
سۈرە غاشىيە
89
سۈرە پەجر
90
سۈرە بەلەد
91
سۈرە شەمس
92
سۈرە لەيل
93
سۈرە زۇھا
94
سۈرە شەرھ
95
سۈرە تىن
96
سۈرە ئەلەق
97
سۈرە قەدر
98
سۈرە بەييىنە
99
سۈرە زەلزەلە
100
سۈرە ئادىيات
101
سۈرە قارىئە
102
سۈرە تەكاسۇر
103
سۈرە ئەسر
104
سۈرە ھۈمەزە
105
سۈرە پىل
106
سۈرە قۇرەيش
107
سۈرە مائۇن
108
سۈرە كەۋسەر
109
سۈرە كاپىرۇن
110
سۈرە نەسر
111
سۈرە مەسەد
112
سۈرە ئىخلاس
113
سۈرە پەلەق
114
سۈرە ناس