88. سۈرە غاشىيە - قۇرآن
- 1. (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى
- 2. بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر
- 3. ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر
- 4. ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ
- 5. (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ
- 6. ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ
- 7. زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ
- 8. بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر
- 9. بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر
- 10. ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر
- 11. ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ
- 12. ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ
- 13. ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
- 14. ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
- 15. ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
- 16. ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
- 17. ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى،
- 18. ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى،
- 19. تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى،
- 20. زېمىن قانداق يېيىتىلدى
- 21. سەن (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن
- 22. سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن
- 23. لېكىن كىمكى (ۋەز - نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (اﷲ نى) ئىنكار قىلىدىكەن،
- 24. اﷲ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
- 25. ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ
- 26. ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز