102. سۈرە تەكاسۇر - قۇرآن
- 1. تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل - مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى
- 2. تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل - مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى
- 3. راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
- 4. ئاندىن راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
- 5. ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)
- 6. سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر
- 7. ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر
- 8. ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر