logo HARUN YAHYA

سۈرە مۇناپىقۇن - قۇرئان - ھارۇن يەھيا

  • 1. مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى سەن ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى اﷲ بىلىدۇ، اﷲ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
  • 2. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى اﷲ نىڭ دىنىدىن) توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
  • 3. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ئېغىزلىرىدا) ئىشىنىپ، ئاندىن (دىللىرىدا) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى (يەنى دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ)، ئۇلار (ئىماننى) چۈشەنمەيدۇ
  • 4. ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ!
  • 5. ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى سىلكىيدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن
  • 6. ئۇلارغا (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، بەرىبىر ئوخشاش، اﷲ ئۇلارغا ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، شۈبھىسىزكى پاسىق قەۋمنى اﷲ ھىدايەت قىلمايدۇ
  • 7. ئۇلار: «رەسۇلۇللاھ نىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنى تەمىنلىمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋە لېكىن مۇناپىقلار (اﷲ نىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدۇ
  • 8. ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دېمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى، مۆمىنلەرنى دېمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېيىشىدۇ. غەلىبە اﷲ قا، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار (غەلىبىنىڭ اﷲ نىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ
  • 9. ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى اﷲ نىڭ زىكرىدىن (يەنى اﷲ نىڭ تائەت - ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
  • 10. بېرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار
  • 11. اﷲ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ھەمبەھىرلەش
Facebook
X
WhatsApp
Telegram
QR Code
QR Code
1 سۈرە پاتىھە
2 سۈرە بەقەرە
3 سۈرە ئال ئىمران
4 سۈرە نىسا
5 سۈرە مائىدە
6 سۈرە ئەنئام
7 سۈرە ئەئراپ
8 سۈرە ئەنپال
9 سۈرە تەۋبە
10 سۈرە يۇنۇس
11 سۈرە ھۇد
12 سۈرە يۈسۈپ
13 سۈرە رەئد
14 سۈرە ئىبراھىم
15 سۈرە ھىجر
16 سۈرە نەھل
17 سۈرە ئىسرا
18 سۈرە كەھپ
19 سۈرە مەريەم
20 سۈرە تاھا
21 سۈرە ئەنبىيا
22 سۈرە ھەج
23 سۈرە مۆمىنۇن
24 سۈرە نۇر
25 سۈرە پۇرقان
26 سۈرە شۇئەرا
27 سۈرە نەمل
28 سۈرە قەسەس
29 سۈرە ئەنكەبۇت
30 سۈرە رۇم
31 سۈرە لوقمان
32 سۈرە سەجدە
33 سۈرە ئەھزاب
34 سۈرە سەبەئ
35 سۈرە پاتىر
36 سۈرە ياسىن
37 سۈرە ساپپات
38 سۈرە ساد
39 سۈرە زۇمەر
40 سۈرە غاپىر
41 سۈرە پۇسسىلەت
42 سۈرە شۇرا
43 سۈرە زۇخرۇپ
44 سۈرە دۇخان
45 سۈرە جاسىيە
46 سۈرە ئەھقاپ
47 سۈرە مۇھەممەد
48 سۈرە پەتىھ
49 سۈرە ھۇجۇرات
50 سۈرە قاپ
51 سۈرە زارىيات
52 سۈرە تۇر
53 سۈرە نەجم
54 سۈرە قەمەر
55 سۈرە رەھمان
56 سۈرە ۋاقىئە
57 سۈرە ھەدىد
58 سۈرە مۇجادەلە
59 سۈرە ھەشر
60 سۈرە مۇمتەھىنە
61 سۈرە سەپ
62 سۈرە جۇمۇئە
63 سۈرە مۇناپىقۇن
64 سۈرە تەغابۇن
65 سۈرە تەلاق
66 سۈرە تەھرىم
67 سۈرە مۈلك
68 سۈرە قەلەم
69 سۈرە ھاققە
70 سۈرە مائارىج
71 سۈرە نۇھ
72 سۈرە جىن
73 سۈرە مۇزەممىل
74 سۈرە مۇدەسسىر
75 سۈرە قىيامەت
76 سۈرە ئىنسان
77 سۈرە مۇرسەلات
78 سۈرە نەبەئ
79 سۈرە نازىئات
80 سۈرە ئەبەسە
81 سۈرە تەكۋىر
82 سۈرە ئىنپىتار
83 سۈرە مۇتەپپىپىن
84 سۈرە ئىنشىقاق
85 سۈرە بۇرۇج
86 سۈرە تارىق
87 سۈرە ئەئلا
88 سۈرە غاشىيە
89 سۈرە پەجر
90 سۈرە بەلەد
91 سۈرە شەمس
92 سۈرە لەيل
93 سۈرە زۇھا
94 سۈرە شەرھ
95 سۈرە تىن
96 سۈرە ئەلەق
97 سۈرە قەدر
98 سۈرە بەييىنە
99 سۈرە زەلزەلە
100 سۈرە ئادىيات
101 سۈرە قارىئە
102 سۈرە تەكاسۇر
103 سۈرە ئەسر
104 سۈرە ھۈمەزە
105 سۈرە پىل
106 سۈرە قۇرەيش
107 سۈرە مائۇن
108 سۈرە كەۋسەر
109 سۈرە كاپىرۇن
110 سۈرە نەسر
111 سۈرە مەسەد
112 سۈرە ئىخلاس
113 سۈرە پەلەق
114 سۈرە ناس