91. سۈرە شەمس - قۇرآن
- 1. قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى،
- 2. قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى،
- 3. قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
- 4. قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
- 5. ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،
- 6. زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،
- 7. روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى - يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى،
- 8. روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى - يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى،
- 9. روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ
- 10. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى - فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ
- 11. سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى
- 12. ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى
- 13. ئۇلارغا اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «اﷲ نىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى
- 14. ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى
- 15. اﷲ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ