1. سۈرە پاتىھە - قۇرآن
- 1. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
- 2. جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر
- 3. اﷲ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر
- 4. قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر
- 5. (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز
- 6. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن
- 7. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)