82. سۈرە ئىنپىتار - قۇرآن
- 1. ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
- 2. يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
- 3. دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
- 4. قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا،
- 5. ھەر ئادەم ئىلگىرى - كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ
- 6. ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟
- 7. ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
- 8. سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى
- 9. ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر
- 10. ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار
- 11. ئۇلار (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ
- 12. ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
- 13. مۆمىنلەر شەك - شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ،
- 14. كاپىرلار شەك - شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ
- 15. ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ
- 16. ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ
- 17. قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
- 18. قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
- 19. ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىشى قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم اﷲ قا خاستۇر