104. سۈرە ھۈمەزە - قۇرآن
- 1. (كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي!
- 2. ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى
- 3. ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)
- 4. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۆتەمەگە تاشلىنىدۇ
- 5. ھۆتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
- 6. ئۇ، اﷲ نىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ
- 7. ئۇ، اﷲ نىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ
- 8. ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ
- 9. ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ