37. سۈرە ساپپات - قۇرآن
- 1. سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
- 2. سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
- 3. سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى
- 4. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك - شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر
- 5. (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر
- 6. بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق
- 7. اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق
- 8. ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ
- 9. ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ
- 10. لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)
- 11. ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق
- 12. (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ
- 13. ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز - نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ
- 14. ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ
- 15. ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
- 16. ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
- 17. ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ
- 18. ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر»
- 19. بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ
- 20. ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ
- 21. بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر
- 22. (اﷲ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار
- 23. (اﷲ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار
- 24. ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال - سوراق قىلىنىدۇ
- 25. (ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر - بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ)
- 26. بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر
- 27. ئۇلار بىر - بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ
- 28. ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توسۇيتتۇڭلار» دەيدۇ
- 29. (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۆمىن بولمىدىڭلار
- 30. بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار
- 31. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز
- 32. سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق»
- 33. ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر
- 34. بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز)
- 35. ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى
- 36. ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى
- 37. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى
- 38. (ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر
- 39. سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر
- 40. پەقەت اﷲ نىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ
- 41. ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۈرمەتلىنىدۇ
- 42. ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۈرمەتلىنىدۇ
- 43. ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ
- 44. ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ
- 45. ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ
- 46. ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ
- 47. ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ
- 48. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ
- 49. ئۇلار (ئاقلىقتا) گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ
- 50. ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر - بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ
- 51. ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) `سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن
- 52. ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) `سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن
- 53. بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟` دەيتتى»
- 54. ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ
- 55. ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ
- 56. ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن
- 57. ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم
- 58. تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق
- 59. تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق
- 60. بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر
- 61. ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن»
- 62. بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟
- 63. زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق
- 64. شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر
- 65. ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ
- 66. ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ
- 67. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ
- 68. ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ
- 69. ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا - بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى
- 70. ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى
- 71. ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى
- 72. بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق
- 73. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن
- 74. لېكىن اﷲ نىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى)
- 75. نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!
- 76. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق
- 77. ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق
- 78. كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
- 79. خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ
- 80. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
- 81. ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى
- 82. ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق
- 83. ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى
- 84. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى
- 85. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟
- 86. سىلەر اﷲ نى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟
- 87. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (اﷲ قا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟»
- 88. ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى
- 89. ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى
- 90. ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)
- 91. ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى
- 92. ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى
- 93. ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى
- 94. ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ - سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى
- 95. ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟
- 96. ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى اﷲ ياراتقاندۇر»
- 97. ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى
- 98. بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق
- 99. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ
- 100. پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»
- 101. بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
- 102. ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش - كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن»
- 103. ئىككىسى (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى
- 104. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
- 105. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
- 106. بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر
- 107. بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق
- 108. كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
- 109. ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!
- 110. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
- 111. ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
- 112. ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
- 113. ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ
- 114. بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق
- 115. ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق
- 116. بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى
- 117. ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق
- 118. ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق
- 119. كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق
- 120. مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن!
- 121. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
- 122. ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
- 123. ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
- 124. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟
- 125. سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (اﷲ نى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) گە چوقۇنامسىلەر؟
- 126. اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»
- 127. ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ
- 128. پەقەت اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا
- 129. كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق
- 130. ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن!
- 131. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
- 132. ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر
- 133. لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
- 134. ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق
- 135. پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق
- 136. ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق
- 137. (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
- 138. (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
- 139. يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
- 140. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى
- 141. (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)
- 142. ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى
- 143. ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
- 144. ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
- 145. ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى
- 146. ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق
- 147. ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق
- 148. (ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق
- 149. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟
- 150. ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟)
- 151. بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر
- 152. بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر
- 153. اﷲ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟
- 154. سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
- 155. پىكىر قىلمامسىلەر؟
- 156. ياكى (اﷲ نىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟
- 157. (ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار)
- 158. ئۇلار: «اﷲ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا - باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك - شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ)
- 159. اﷲ ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
- 160. لېكىن اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى اﷲ نى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ)
- 161. (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
- 162. (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
- 163. (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ
- 164. (پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار
- 165. بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز
- 166. بىز ھەقىقەتەن (اﷲ قا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز»
- 167. ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
- 168. ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
- 169. ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ
- 170. ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ
- 171. بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان
- 172. ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر
- 173. بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر
- 174. ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن
- 175. ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ
- 176. ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟
- 177. ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان!
- 178. ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن
- 179. ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ
- 180. قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر
- 181. پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!
- 182. جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر!