109. سۈرە كاپىرۇن - قۇرآن
- 1. (ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!
- 2. سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن
- 3. سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان اﷲ قا ئىبادەت قىلمايسىلەر
- 4. سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق
- 5. سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان اﷲ قا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق
- 6. سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»