93. سۈرە زۇھا - قۇرآن
- 1. چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى،
- 2. قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
- 3. (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق
- 4. ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر،
- 5. پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ئاخىرەتتە ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن
- 6. ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟
- 7. قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟
- 8. سېنى يوقسىز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟
- 9. يېتىمنى خارلىما