سۈرە نەبەئ - قۇرئان - ھارۇن يەھيا
-
1. (مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟
-
2. ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ
-
3. ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر
-
4. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ
-
5. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ
-
6. (زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟
-
7. (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟
-
8. سىلەرنى ئەر - ئايال قىلىپ ياراتتۇق
-
9. ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق
-
10. كېچىنى لىباس قىلدۇق
-
11. كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق
-
12. ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق
-
13. (سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (كۈننى) ياراتتۇق
-
14. ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق
-
15. ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق
-
16. ئاشلىقلارنى، ئوت - چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول ياغدۇرۇپ بەردۇق
-
17. قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر
-
18. ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ - توپ بولۇپ كېلىسىلەر
-
19. ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ
-
20. تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەررابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)
-
21. جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ
-
22. جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر
-
23. ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ
-
24. ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ
-
25. ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ
-
26. بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر
-
27. چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى
-
28. ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى
-
29. ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز
-
30. (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»
-
31. شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ
-
32. (ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر
-
33. تەڭتۇش قىزلاردۇر
-
34. (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر
-
35. ئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ
-
36. (ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر
-
37. ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ
-
38. جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار (نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ
-
39. ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن)
-
40. بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ
ھەمبەھىرلەش
1
سۈرە پاتىھە
2
سۈرە بەقەرە
3
سۈرە ئال ئىمران
4
سۈرە نىسا
5
سۈرە مائىدە
6
سۈرە ئەنئام
7
سۈرە ئەئراپ
8
سۈرە ئەنپال
9
سۈرە تەۋبە
10
سۈرە يۇنۇس
11
سۈرە ھۇد
12
سۈرە يۈسۈپ
13
سۈرە رەئد
14
سۈرە ئىبراھىم
15
سۈرە ھىجر
16
سۈرە نەھل
17
سۈرە ئىسرا
18
سۈرە كەھپ
19
سۈرە مەريەم
20
سۈرە تاھا
21
سۈرە ئەنبىيا
22
سۈرە ھەج
23
سۈرە مۆمىنۇن
24
سۈرە نۇر
25
سۈرە پۇرقان
26
سۈرە شۇئەرا
27
سۈرە نەمل
28
سۈرە قەسەس
29
سۈرە ئەنكەبۇت
30
سۈرە رۇم
31
سۈرە لوقمان
32
سۈرە سەجدە
33
سۈرە ئەھزاب
34
سۈرە سەبەئ
35
سۈرە پاتىر
36
سۈرە ياسىن
37
سۈرە ساپپات
38
سۈرە ساد
39
سۈرە زۇمەر
40
سۈرە غاپىر
41
سۈرە پۇسسىلەت
42
سۈرە شۇرا
43
سۈرە زۇخرۇپ
44
سۈرە دۇخان
45
سۈرە جاسىيە
46
سۈرە ئەھقاپ
47
سۈرە مۇھەممەد
48
سۈرە پەتىھ
49
سۈرە ھۇجۇرات
50
سۈرە قاپ
51
سۈرە زارىيات
52
سۈرە تۇر
53
سۈرە نەجم
54
سۈرە قەمەر
55
سۈرە رەھمان
56
سۈرە ۋاقىئە
57
سۈرە ھەدىد
58
سۈرە مۇجادەلە
59
سۈرە ھەشر
60
سۈرە مۇمتەھىنە
61
سۈرە سەپ
62
سۈرە جۇمۇئە
63
سۈرە مۇناپىقۇن
64
سۈرە تەغابۇن
65
سۈرە تەلاق
66
سۈرە تەھرىم
67
سۈرە مۈلك
68
سۈرە قەلەم
69
سۈرە ھاققە
70
سۈرە مائارىج
71
سۈرە نۇھ
72
سۈرە جىن
73
سۈرە مۇزەممىل
74
سۈرە مۇدەسسىر
75
سۈرە قىيامەت
76
سۈرە ئىنسان
77
سۈرە مۇرسەلات
78
سۈرە نەبەئ
79
سۈرە نازىئات
80
سۈرە ئەبەسە
81
سۈرە تەكۋىر
82
سۈرە ئىنپىتار
83
سۈرە مۇتەپپىپىن
84
سۈرە ئىنشىقاق
85
سۈرە بۇرۇج
86
سۈرە تارىق
87
سۈرە ئەئلا
88
سۈرە غاشىيە
89
سۈرە پەجر
90
سۈرە بەلەد
91
سۈرە شەمس
92
سۈرە لەيل
93
سۈرە زۇھا
94
سۈرە شەرھ
95
سۈرە تىن
96
سۈرە ئەلەق
97
سۈرە قەدر
98
سۈرە بەييىنە
99
سۈرە زەلزەلە
100
سۈرە ئادىيات
101
سۈرە قارىئە
102
سۈرە تەكاسۇر
103
سۈرە ئەسر
104
سۈرە ھۈمەزە
105
سۈرە پىل
106
سۈرە قۇرەيش
107
سۈرە مائۇن
108
سۈرە كەۋسەر
109
سۈرە كاپىرۇن
110
سۈرە نەسر
111
سۈرە مەسەد
112
سۈرە ئىخلاس
113
سۈرە پەلەق
114
سۈرە ناس