36. سۈرە ياسىن - قۇرآن
- 1. ياسىن
- 2. ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك - شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن
- 3. ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك - شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن
- 4. توغرا يولدىسەن
- 5. قۇرئان ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
- 6. قۇرئان ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
- 7. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ
- 8. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ (يەنى ئۇلار ئىمانغا بويسۇنمايدۇ ۋە ئىمانغا باش ئەگمەيدۇ)