87. سۈرە ئەئلا - قۇرآن
- 1. ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن
- 2. ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى
- 3. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى
- 4. ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى
- 5. ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلاندۇردى
- 6. (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز - ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ
- 7. (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز - ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ
- 8. سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز
- 9. ۋەز - نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن
- 10. اﷲ تىن (قورققان) ئادەم ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ
- 11. ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز - نەسىھەتتىن قاچىدۇ
- 12. ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ
- 13. ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ
- 14. (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى
- 15. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى
- 16. سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر
- 17. ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر
- 18. بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك - شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا - ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر
- 19. بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك - شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا - ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر