111. سۈرە مەسەد - قۇرآن
- 1. ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى
- 2. ئۇنىڭغا مال - مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى
- 3. ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ
- 4. ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ
- 5. ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ