85. سۈرە بۇرۇج - قۇرآن
- 1. بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى
- 2. بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى
- 3. بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى،
- 4. ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن
- 5. ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى
- 6. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى
- 7. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى،
- 8. ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر،
- 9. ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
- 10. مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
- 11. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر
- 12. پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك - شۈبھىسىز قاتتىقتۇر
- 13. اﷲ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ
- 14. اﷲ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر،
- 15. ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر،
- 16. خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر
- 17. (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ - پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟
- 18. (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ - پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟
- 19. (قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ
- 20. اﷲ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر
- 21. بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
- 22. بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر