97. سۈرە قەدر - قۇرآن
- 1. بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق
- 2. شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
- 3. شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر
- 4. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا اﷲ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ
- 5. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ - ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر